قۇش
From Wikipedia
قۇش (Qush, қуш) ئى زوئول ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ بىر سىنىپى . تېمپېراتۇرىسى تۇراقلىق بولىدۇ . تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدۇ . ئېغىزىدا چىشى يوق ، پۈتۈن تېنىدە پەي-تۈكلەر ۋە كۆكرىكىدە تۆش ئۆسۈكى بولىدۇ . ئالدى ئايىغى قاناتقا ئۆزگەرگەن ، ئارقا ئايىغى بىلەن ماڭىدۇ . قۇشلار ئومۇمەن ئۇچالايدۇ . بەزىلىرىنىڭ قاناتلىرى رودىمېنتلاشقان بولۇپ ئۇچالمايدۇ . قۇشلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، ئاق قۇشقاچ ، قارلىغاچ ، لاچىن ، توخۇ ، ئۆردەك ، تۆگىقۇشى قاتارلىقلار قۇش تىپىغا كىرىدۇ .